1. بوغۇم ئاغرىسا بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ۋىتامىن C بوغۇمنىڭ ئۇپرىشىنى ئازايتىپ، كوللاگېننىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كوللاگېن كۆمۈچەك ۋە سۆڭەكنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىب ھېسابلىنىدۇ.
2. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىسا سالمون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى قاتارلىق يۇقىرى ياغلىق بېلىقلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۇجۇق قاتارلىق پىشىقلانغان گۆش ھەم تېتىتقۇ، قىزىل ھاراق، شاكىلات ۋە لىمون قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. ھەيز ئاغرىتىپ كەلسە زىغىرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تەۋىسىيە قىلىنىدۇ. ھەيز ئاغرىتىپ كەلگەندە ھەر كۈنى بىر – ئىككى قوشۇق زىغىر يېغىنى بولكىغا سۈركەپ ياكى سالاتقا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
4. ئاشقازان ئاغرىسا زەنجىۋىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. زەنجىۋىل قىزىلئۆڭگەچ تۆۋەن قىسمىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ كېڭىيىش تارىيىشىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قىزىلئۆڭگەچگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لېكىن بىر قىسىم يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: سېرىق ماي ۋە گۆش قىزىلئۆڭگەچ تۆۋەن قىسمىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنىڭ كېڭىيىش تارىيىش ئىقتىدارىنى توسىدۇ، ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرمۇ ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ناچار بولسا، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.