پۇلۇڭخې
بېيجىڭ ۋاقتى 30-ئىيۇن خەۋرى، كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە داڭلىق كىنو فىلىمى «قشتىكى مۇھەببەت»(冬季恋歌) دا رول ئالغان داڭلىق كىنو چولپىنى پۇلۇڭخې 30-ئىيۇن ئەتىگەندە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقى بايقالغان. پۇلۇڭخې 1997-يىلىدىكى «قشتىكى مۇھەببەت» فىلىمىدە رول ئىلىپ داڭق چىقارغان بولۇپ، كورىيە ۋە ياپونىيەدە خېلى ئابرويى بار سەنئەتكەر ئىكەن.

«قشتىكى مۇھەببەت»فىلىمىدا رول ئالغان پۇلۇڭخې
ئۇنىڭ ئانىسى ئەڭ بۇرۇن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە ئۇ تېلىفونغا توك تولۇقلايدىغان سىم بىلەن ئۆزىنى بوغۇپ ئۆلۈۋالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان دادىسىنىڭ بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ، قايتا-قايتا «كەچۈرۈڭلار» دېگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كىتىپ چىقمىغان. كېيىن ئانىسى ئۇنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان ئىكەن. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن tughchi