ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە باش بەت > خەۋەر قانىلى > خەلىقئارا خەۋەرلەر > مەزمۇنى

ئەنگلىيەدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى


2010-7-4 4:55:28 195
 

   جۇڭگو ئاخبارات تورى لوندون 2–ئىيۇن تېلېگراممىسى: 2–ئىيۇن ، ئەنگلىيەنىڭ غەربىي كۇمبرىيە ۋىلايىتىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى ، 52 ياشلىق بىر تاكسى شوپۇرى ئاپتوموبىلىنى كوچىدا ئۈچ يېرىم سائەت قالايمىقان ھەيدەپ ، يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرگە توختىماي ئوق چىقىرىپ ، 12 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ، 25 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

   ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، بۇ قاتىلنىڭ جەسىتى بىر بازارنىڭ ئەتراپىدىكى ئورمانلىقتا بايقالغان بولۇپ ، ‹‹ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان›› دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.

   نەق مەيداندا كۆرۈگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، قاتىل ئەڭ ئاۋۋال تاكسى بېكىتىدە ئوق چىقارغان ، ئاندىن قورال جازىسىنى ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ ، دېڭىز قىرغىقىدىكى يولنى بويلاپ ماڭغان ۋە ئۈچ يېرىم سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 11 جايدا ئوق چىقارغان . قازا قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كەسپداش بولغان تاكسى شوپۇرلىرى بولۇپ ، يەنە بەزى كىشىلەرنى ئۇ يېنىغا كېلىشكە ئىشارەت قىلغان ۋە يېقىن ئارىلىققا كەلگەندە ئېتىۋەتكەن.

   ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار تۆت سائەت ئىچىدە ئۇنى ئىزدەپ قوغلاپ تۇتۇشنى باشلىغان بولۇپ ، بۇ جەرياندا كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان . ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئورمانلىقتىن قاتىلنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.   

   ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قاتىل ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئىككى بالىسى بار ئىكەن . ئۇ ئىزچىل ھالدا شەخسىي تاكسى ھەيدەپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ ، ھېچقانداق تاكسى شىركىتىگە تەۋە ئەمەس ئىكەن . ئۇنى ئوبدان تونۇيدىغان بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ ئادەتتە خېلى يامان ئەمەس ئادەم بولۇپ ، مىجەزى جىمغۇر ئىكەن، ئەمما ، بەزى–بەزىدە كەسپداشلار بىلەن چاخچاقلىشىپمۇ قويىدىكەن . كەسپداشلىرى ئۇنىڭ بۇنداق ۋەقەنى پەيدا قىلغانلىقىدىن ناھايىتى غەلىتىلىك ھېس قىلغان.

   ئىگىلىنىشىچە ، قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچ ئۇ تاكسى بېكىتىدە بىر كەسپدىشى بىلەن جاڭجاللىشىپ قالغان ، شۇ كۈنى كەچ ئۇ بىر دوستىغا : ‹‹سەن ئەمدى مېنى كۆرەلمەيسەن›› دېگەن .

    ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن ھاڭ–تاڭ قالغانلىقىنى ئېيتقان . ساقچىلار نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرىۋېتىپتۇ .  

tughchi
تورداشلار باھاسى(0) باھا ئېلان قىلىمەن
ئەزا ئىسمى : شىفىر : يېڭى ئەزا?

powered by IlgharSite 1.8 www.ilghar.cn